| |
|
2008年4月20日 星期日 上午 10:39
ئۇيغۇرQQ
تورى قۇرۇلغان 2 يىل مابەينىدە ، نۇرغۇن
قوللىغۇچىلار ۋە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى .
مۇنبەر ئەزالىرى كۆپەيدى ۋە ئۇيغۇرQQ ئۈچۈن
نەتىجە ياراتقۇچىلار مەيدانغا كەلدى . ئاز بولمىغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى
بىزنى تەۋسىيە قىلدى ۋە دوستانە ئۇلىنىش قىلدى . بۇ جەرياندا ئىزدەش
ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە كەم بولغان
بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەندى ۋە ئىزدىنىۋاتىدۇ .
كەسكىن رىقابەت ، دوستانە ئىلگىرلەش ، ئۇچقاندەك تەرەققىيات
مۇساپىسىدە ئۇيغۇرQQ تورى يەنىلا سىزنىڭ ۋە
ئەتراپىڭىزدىكى ھەربىر تور ئابونتىىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ .
بېكىتىمىز يېڭىلىققا ، يۇقىرى تېخنىكىغا ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ۋە
يۈكسىلىشقا مۇھتاج . شۇنداق بولغانىكەن ، قولىڭىزنى بىزگە بېرىڭ !
كۆپنىڭ كۈچى كۆپنى يېڭەر !
|
|
|
|
|
|
|
|