1-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسىنىڭ كۈچلۈك كوماندىسى خېڭدا كۇلۇبى 21ياشلىق شىنجاڭلىق پۇتبولچى شاۋكەت بىلەن رەسمىي توختام تۈزىدى
خېڭدا كۇلۇبىنىڭ تېرنىرى لى جاڭ جۇ ،ئۇزۇندىن بېرى بۇ كۈننى كۈتۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ،چۈنكى بۇرۇنقى مۇسابىقىلەردە شاۋكەتنىڭ شىنجاڭنىڭ داڭلىق پۇتبولچىلىرىدىن بارى ۋە ئەكرەملەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ھەمدە بەدەن ساپاسى جەھەتتىنمۇ كوماندىغا قوبۇل قېىلىش شەرتىگە تولۇق توشۇدىغانلىقىنى ئېيتتى
شاۋكەت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ،باشقا ياش پۇتبولچىلارغا ئوخشاش ،ئۆزىنىڭمۇ بۇرۇندىن تارتىپ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە توپ تېپىشنى ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى ،ۋە خېڭدا كوماندىسىغا قاتنىشىپ تولىمۇ ھاياجانلانغانلىقىنى ئېيتتى ،ئۇ تېرنېرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي،تېخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى
ئىگىللىنىشچە،خېڭدا پۇتبول كۇلۇبى شىنجاڭ پۇتبول جەمئىيىتىگە 100مىڭ يۇەنلىك رەسمىيەت ھەققى تۆلەپ ،بۇ ياش پۇتبولچىنىڭ تەربىيلەش ھوقۇقىنى سېتىۋاپتۇ
![]() |







