2009-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تىڭشۇندىن يىڭى بىر بەلگە SOSO شەخسىي مەركىزى بەلگىسى تىڭشۇن ئابونىتچىللىرىغا ئىچىۋىتىلدى ، QQ2009SP1 ھەقىقىي نەشىر
2009-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تىڭشۇندىن يىڭى بىر بەلگە SOSO شەخسىي مەركىزى بەلگىسى تىڭشۇن ئابونىتچىللىرىغا ئىچىۋىتىلدى ، QQ2009SP1 ھەقىقىي نەشىرىدە مۇنۇ بەلگىنى كۆرگىلى بولىدۇ . SOSO شەخسىي مەركىزى بەلگىسىنى ياندۇرۇش ئۇسۇلى :
SOSO ئابونىتچىللىرىنىڭ تەجىربە يىغىلما سانى 50 نۇمۇردىن يۇقىرى بولسا ھەمدە بۇندىن بۇرۇنقى 30 كۈن ئىچىدە SOSO تور بىتىگە تىزىملىتىپ كىرىلگەن بولسا بۇ بەلگىنى ياندۇرغىلى بولىدۇ . بەلگىسىنى ياندۇرۇش مەشغۇلات تەرتىۋى :
ئاۋال www.soso.com تور بىتىگە كىرىپ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى ئورۇندىكى كۆزنىكىنى تاق چىكىپ يۇرۇتماقچى بولغان QQ ھىساباتىنى تىزىملىتىپ كىرىسىز (بۇ ۋاقىتتا SOSO تەجىربە يىغىلما سانىڭىزغا 2 نۇمۇر قوشۇلىدۇ ھەر بىر كۈندە 2 نۇمۇر چەكلىمىسى بار) ئاندىن يەنە ئوڭ تەرەپ يۇقىرى ئورۇندىكى كۆزنىكىنى تاق چىكىڭ ھەمدە ئىچىلغان يىڭى تور بەت كۆزنىكىدىكى (رەسىمدىكىدەك) قىزىل بەلگە ئىچىگە ئورالغان ئورۇنغا خالىغان مەزمۇندىكى ئىزدەش سوئالىنى يازسىڭىز ھەمدە كۆك بەلگە ئىچىگە ئورالغان ئورۇننى تاق چىكىپ شۇ مەزمۇننى ئىزدىسىڭىز SOSO تەجىربە يىغىلما سانىڭىزغا بىر نۇمۇر قوشۇلىدۇ ، ئىزدەپ تىپىلغان نەتىجىلەرنى چىكىپ كۆرسىڭىز SOSO تەجىربە يىغىلما سانىڭىزغا بىر نۇمۇر قوشۇلىدۇ .
ھەمدە مۇشۇنداق تەرتىپتە 50 قىتىم ئوخشاش بولمىغان سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدىسىڭىز سىزنىڭ SOSO تەجىربە يىغىلما سانىڭىز 50 بولغان بولىدۇ ، ئاندىن سىزنىڭ SOSO شەخسىي مەركىزى بەلگىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا يانغان بولىدۇ ، QQ2009SP1 ھەقىقىي نەشىرىدە QQ ھىساباتىڭىزنى قايتا ئاچسىڭىز شۇ بەلگە يىنىق ھالەتتە كۆرۈنىدۇ ، تۆۋەندە ئۆزۈم تەتقىق قىلىپ كۆرگەن يەنە بىر خىل تىز ۋاقىت ئىچىدە بەلگىنى ياندۇرۇش ئۇسۇلى (بۇ ئۇسۇلدا 1 مىنۇتقا قالماي بەلگىڭىزنى ياندۇرۇپ بولالايسىز) .
(1) ئاۋال www.soso.com تور بىتىگە كىرىپ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى ئورۇندىكى كۆزنىكىنى تاق چىكىپ يۇرۇتماقچى بولغان QQ ھىساباتىنى تىزىملىتىپ كىرىسىز ، ئاندىن يەنە ئوڭ تەرەپ يۇقىرى ئورۇندىكى كۆزنىكىنى تاق چىكىڭ ، شۇ ھالەتتە مۇنۇ تور بەت كە كىرىڭ ، ھاسىل بولغان يىڭى تور بەت كۆزنىكىدىكى (رەسىمدىكىدەك) قىزىل بەلگە ئىچىگە ئورالغان ئورۇندىكى خالىغان بىرسىغا توغرا بەلگىسىنى ئۇرۇپ ھەمدە كۆك بەلگە ئىچىگە ئورالغان ئورۇنغىمۇ توغرا بەلگىسىنى ئۇرۇپ ئاندىن قارا بەلگە ئىچىگە ئورالغان ئورۇننى چىكىپ تاماملايسىز .
ئوڭۇشلۇق بولغان بولسا تۆۋەندىكىدەك رامكا كۆرۈنىدۇ . r
بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ SOSO تەجىربە يىغىلما سانىڭىزغا 10 نۇمۇر قىتىلىدۇ .
(2) ئەمدى مۇنۇ تور بەت كە كىرىپ (رەسىمدىكىدەك) قىزىل بەلگە ئىچىگە ئورالغان ئورۇننى تاق چىكىپ تاماملايسىز ، بۇنىڭدىمۇ سىزنىڭ SOSO تەجىربە يىغىلما سانىڭىزغا 10 نۇمۇر قىتىلىدۇ .
(3) ئەمدى مۇنۇ تور بەت كە كىرىپ (رەسىمدىكىدەك) قىزىل بەلگە ئىچىگە ئورالغان ئورۇنغا توغرا بەلگىسىنى ئۇرۇپ ئاندىن كۆك بەلگە ئىچىگە ئورالغان ئورۇننى تاق چىكىپ تاماملايسىز ، بۇنىڭدىمۇ سىزنىڭ SOSO تەجىربە يىغىلما سانىڭىزغا 10 نۇمۇر قىتىلىدۇ .
يۇقارقى ئۇسۇللاردىكى قايسى بىر ئۇسۇل سىزگە قۇلايلىق بولسا شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بەلگىڭىزنى ياندۇرۋىلىڭ
|