بىز بىر قانچە كۈن بۇرۇن مۇنبىرىمىزگە QQ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭ قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان نۇسخىسى تارقتاتقان ئىدۈق . بۈگۈن بىز قاچىلمايلا ئىشلىتىدىغان يېشىل نۇسخىسىنى تارقاتتۇق .
بۇ نەشىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى :
1. قاچىلاش ھاجەتسىز . سەز پەقەت چۈشۈرۈپ پىرىنى يەشكەندىن كىيىن بىۋاستە بۇ مۈندەرىجە ئىچىدىكى Bin دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى پىنگىۋىن سۈرىتى قوش چىكىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۈ . دىققەت غول مۇندەرىجە ئاستىدكى دوپپا كىيگەن پىنگىۋىنلەر ئەمەس. ئۇلار رەسىم ئىجرا ھۆججىتى ئەمەس .
( ئەگەر ئۇنى ھۆججەت قىسقۇچنى ئاپاراتىنىڭ مەلۈم بىر دېسكىسىغا ساقلاپ ، Bin دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى پىنگىۋىن سۈرىتى ئۈستەل يۈزىگە快件方式 چىقىرۋالسىڭىزمۇ بولىدۈ )
2. بۇ نۇسخىسا سىز قارشى تەرەپنىڭ ip نومۇرىنى يەنى قەيەردىن تورغا چىققانلىغىنى بىلىپ تۇرالايسىز . ( ۋاڭتوڭ ، تېتوڭلارنىڭكىنى ئانچا توغرا تېپىپ بېرەلمەيدۈ ) سىز پەقەت سۆزلىشىۋاتقاندا قارشى تەرەپكە بىر پارچە رەسىم ئەۋەتسىڭىزلا قارىشى تەرەپنىڭ ئورنىنى بىلەلەيسىز .
ئاجىزلىغى : ئالدىقى نەشىرىدىكىدەك چ چ نىڭ سۇرىتى دوپپا كىيگەن ھالەتتە ئەمەس. ( ئەگەر ئۇنى ھۆججەت قىسقۇچنى ئاپاراتىنىڭ مەلۈم بىر دېسكىسىغا ساقلاپ ، Bin دىگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى پىنگىۋىن سۈرىتى ئۈستەل يۈزىگە 快件方式 قىلىپ چىقىرىۋىلىپ ئاندىن ئۇنىڭ سۈرىتىن ئالماشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۈ. گول مۇندەرىجىدە ئىككى دوپپا كىيگەن پىنگىۋىن رەسىمى تەمىنلەندى . )
ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان QQ نىڭ يېشىل نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ . تۆۋەندىكى رەسىمنى چەكسىڭىز چۈشىدۈ .
بۇ يەرنى چەكسىڭىز چۈشىدۈ
چۈشەندۈرۈش:
QQنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى QQ2011 دىتالىنىڭ خەنزۈچە نۈسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپلا قويۇلغان بولۇپ باشقا ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىمىغان.
بۇ QQ2011 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدى . ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدا ھەقلىق تارقىتىشىغا بولمايدۈ .
بۇ QQ دىتالىنىڭ نەشىرى ھوقۇقى يەنىلا پىنگىۋىن شېركىتىگە تەۋە .
بىكىتىمىز بۇندىن كىيىن يىڭىدىن چىققان QQ نەشىرلىرى ۋە ياماقلىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت ئامال بار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يىڭى نەشىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۈ .
خەت نۇسخىسىنى تونۇتۇش :
بۇنى بىۋاستە قوزغاتسىڭىز خەت نۇسخىسى نورمال بولمايدۈ . چۈنكى QQ بىۋاسە سېستىمىنىڭ خەت نۇسىخىسىنى ئىشلىتىدىگەن .شۇڭ ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە تونىمايدىكەن .
خەت نۇسخىسىنى نورمال قىلىش ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەشغۇلات سېستىمىڭىزغا ئاساسەن تۆۋەندكى ئىككى ئۈسۈلنىڭ بىرىنى تاللاڭ .
بۇ خەت نۇسخىسىنى تونۇتۇش دىتالىنى قاچىلاشتىن بۇرۇن 360 دىگەندەك ۋېرۇسخورلارنى تاقىۋىتىڭ ئۇلار بۇنى خاتا ھالدا ۋېرۇس دەپ تونىۋالىدۈ چۈنكى بۇ سېستىما سېستىمىنىڭ خەت نۇسىخىسىنى ئۆزگەرتىدۈ .
1. ئەگەر سېستىمىڭىز wnxp بولسا تۆۋەندىكى تېمىدىكى كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات ئېلى بارسىڭىز بولىدۈ .
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14808
2. ئەگەر سىزنىڭ سېستىمىڭىز wn7 بولسا سىز بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىسىڭىز بولىدۈ .
ئالىپ ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى كۆرۈڭ :
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=702
ئاپاراتنى قايتا قوزغىتىشنى ئۇنۈتماڭ .
ئەسكەرتىش :
بۇ QQ نىڭ پەقەت كۆرۈنمە ھالىتى ۋە باشقۇرۇش تىزىملىكلىرىلا ئۇيغۇرچە ، خەت ئالا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۈرۈلمىدى .
QQ ئۇيغۇرچە خەت ئالاقىنى قوللىمايدۇ ئەمەس ، بەلكى قوللايدۈ ، ئەسلىدىكى خەنزۈچە QQ20011 دىلا ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە ئۇرۇشقا ۋە ئالا قىلىشقا بولاتتى . لىكىن QQ مۇلازىمىتىرى سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان خەتلىرىڭىزنى سۈزۈپ تاشلاپ قارشى تەرەپكە ئەۋەتىشكە يول قويمايدۈ .
ئەسلى QQ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىشگە ماس كەلمەيدۈ دىسەكمۇ بولۈدۈ .
چۈنكى ئۇيغۇرچىنى يەكلەيدۈ ۋە ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۈ . بىزغۇ ئۇنىڭدىن قانۇنسىز ئىش قىلمايمىز ، لىكىن سىزنىڭ ئالاقىڭىزنى ھەر ۋاقىت بىرسى كۆرۈپ تۇرسا سىزمۇ خالىمايسىزدە .
ئەگەر QQ ئۇيغۇرچە ئالا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسىڭىز بۇ تېمىدىكى كۆرسەتمە بويىچە ئىشقا ئاشۇرسىڭىز بولىدۈ
QQ ئۇيۇغۇرچە ئالاقىلىشىش ئۇسۈلى
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14866
ئەسلى ئۇيغۇرلارغا skype دىتالى بەك ماس كېلەتتى ، ئۇنىڭغا ئالىپ ئەپەندىن تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان تىل كودىنى قوشىۋالسىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۈ ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا بىمالال ئالاقىلىشىلالايسىز . ۋە ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ خېتىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇشىدىن خاتىرجەم بولىسىز .
مانا بۇ ئالىپ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرچە قىلغان skype دىتالىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=689
مىنىڭ skype نامىمىم بولسا كوشۇۋالارسىلەر
elqutghulja
لىكىن بىز ئۇيغۇرلار يەنىلا QQ دىن مەرىمىزنى ئۈزەلمىدۈق .شۇڭا مەن بۇ قاملاشمىغان سېستىمىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۈم .
بۇ تېمىنى ۋە دىتالنى ھىچكىمدىن سورىماي ، مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەر قانداق تور بەت ياكى ئورۇندا ئېلان قىلسىىڭىز ۋە ھەقسىز تارقاتسىڭىز بولىدۈ .
بارلىق ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇرچە QQ ئىشلەتىش ئارقىلىق پىنگىۋىن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە چەكلىمىسىنى ئېلىۋىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئۇلارغا ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى !
ئاللا ھەممىڭلارغا رەھەمەت ئاتا قىلغاي .
ئۈلگە رەسىملىرى :
رەسىملەر
رەسىملەر:
رەسىملەر:
رەسىملەر:
رەسىملەر
رەسىملەر:

تەھرىر: admin





