QQنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى QQ2011 دىتالىنىڭ خەت نۈسخىسى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپلا قويۇلغان بولۇپ باشقا ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىمىغان. بۇ
QQنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى QQ2011 دىتالىنىڭ خەت نۈسخىسى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپلا قويۇلغان بولۇپ باشقا ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىمىغان.
بۇ QQ2011 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدى . ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدا ھەقلىق تارقىتىشىغا بولمايدۈ .
بۇ QQ دىتالىنىڭ نەشىرى ھوقۇقى يەنىلا پىنگىۋىن شېركىتىگە تەۋە .
بىكىتىمىز بۇندىن كىيىن يىڭىدىن چىققان QQ نەشىرلىرى ۋە ياماقلىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت ئامال بار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يىڭى نەشىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۈ .
تەرجىمە قىلىنغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرۈڭ
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14792&page=1
بۇ QQ نىڭ پەقەت كۆرۈنمە ھالىتى ۋە باشقۇرۇش تىزىملىكلىرىلا ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە خەت ئالاقە ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى . ئۇيغۇرچە خەت ئالاقىنى قوللىمايدۇ ئەمەس ، بەلكى قوللايدۈ ، لىكىن QQ مۇلازىمىتىرى سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان خەتلىرىڭىزنى سۈزۈپ تاشلاپ قارشى تەرەپكە ئەۋەتىشكە يول قويمايدۈ .
ئەسلى QQ ئۇيغۇرلاشنىڭ ئىشلىتىشگە ماس كەلمەيدۈ دىسەكمۇ بولۈدۈ . چۈنكى ئۇيغۇرچىنى يەكلەيدۈ ۋە ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۈ . بىزغۇ ئۇنىڭدىن قانۇنسىز ئىش قىلمايمىز ، لىكىن سىزنىڭ ئالاقىڭىزنى ھەر ۋاقىتى بىرسى كۆرۈپ تۇرسا سىزمۇ خالىمايسىزدە .
ئەسلى ئۇيغۇرلارغا skype دىتالى بەك ماس كېلەتتى ، ئۇنىڭغا ئالىپ ئەپەندىن تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان تىل كودىنى قوشىۋالسىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۈ ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا بىمالال ئالاقىلىشىلالايسىز . ۋە ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ خېتىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇشىدىن خاتىرجەم بولىسىز .
مانا بۇ ئالىپ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرچە قىلغان skype دىتالىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=689
لىكىن بىز ئۇيغۇرلار يەنىلا QQ دىن ئايرىلالمىدۈق .شۇڭا مەن بۇ قاملاشمىغان سېستىمىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۈم . دىتالنى چۈشۈرپ قاچىلىسىڭىز ئۇنى ئايرىم مۇندەرىجىگە قاچىلايدۈ . ئەسلىدىكى خەنزۈچە QQ نىمۇ نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۈ ئۈستەل يۈزىدىكى uyghurQQ دىگەن ھۆججەتنى قوزغىتىپ كىرسىڭىز بولىدۈ .
چۈشۈرۈش
بۇنى بىۋاستە قوزغاتسىڭىز خەت نۇسخىسى نورمال بولمايدۈ .
خەت نۇسخىسىنى نورمال قىلىش ئۈچۈن سىز ئەگەر سېستىمىڭىز wnxp بولسا تۆۋەندىكى تېمىدىكى كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات ئېلى بارسىڭىز بولىدۈ .
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14808
ئەگەر سىزنىڭ سېستىمىڭىز wn7 بولسا سىز بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىسىڭىز بولىدۈ .
ئاپاراتنى قايتا قوزغىتىشنى ئۇنۈتماڭ .
alip.rar (5306 K) 下载次数:1
ياكى ئالىپ ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى كۆرۈڭ :
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=702
بۇ تېمىنى ۋە دىتالنى ھىچكىمدىن سورىماي ، مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەر قانداق تور بەت ياكى ئورۇندا ئېلان قىلسىىڭىز ۋە ھەقسىز تارقاتسىڭىز بولىدۈ .
بارلىق ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇرچە QQ ئىشلەتسە بەلكىم پىنگىۋىن شېركىتى ئۇيغۇرچە نەشىرىنى چىكىرىش ۋە ئۇيغۇرچە چەكلىمىسىنى ئېلىۋىتىشنى ئويلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
ئاللا ھەممىڭلارغا رەھەمەت ئاتا قىلغاي .ئېھتىرام بىلەن : ئەلقۇت تور بېتىمىزنىڭ ئادرىسى: www.elqut.cn
كەمىنە ئەلشات بلوگىمۇ بۇ ئۇيغۇرچە QQ غا كۆچۈپ بولدى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بولسا سىلەرمۇ دوسلىرىڭلارغا تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار. ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە QQ دىن بىرقانچە سۈرەتلەر:




|